ئاخبارات كاتىباتلىق ئىشخانىسى
دەرھال ئەلان قىلىش ئۇچۇن
2020-يىلى 17-ئىيۇن
مەن بۇگۇن س.3744 نومۇرلۇق ”2020 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسى قانۇنى“ (” قانۇن“) غا قول قويدۇم. بۇ قانۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىگى ۋە دىنى ئەتىقادىنى يوقۇتۇش ئۇچۇن يۇرگۇزۇلگەن، سىستىمىلىق لاگىرلارغا كاماش، مەجبۇرى ئەمگەككە سەلىش ۋە كۇندىلىك ھاياتنى مەجبۇرى كۇزتىش سىياسەتلەرىدە ئاساسلىك جىنايەت مەنسۇپلىرىنى جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ قانۇننىڭ 6(گ) ماددىسىنىڭ، ئۇشبۇ قانۇن بويىچە قۇبۇل قىلىنىشى چەكلەڭەن جازالارنى بىكار قىلىدىغان قارارنى چىقىرىشىمغا توسقۇنلۇق قىلدىغانلىقى دىققىتىمنى چەكتى. بەزى ئەھۋاللاردا، بۇ چەكلىمە، مەنىڭ ئامرىكانىڭ ئاساسى قانۇنىڭ 3-ماددا، 2-تارمىغى بويىچە بەزى چەتئەللىك ئەمەلدارلارنى دىپلوماتىك ۋەكىلى سۇپتىدە قۇبۇل قىلىش ھوقۇقلىرىم بىلەن ماسلاشماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۇچۇن مەنىڭ ھاكىمىيىتىم قانۇننىڭ 6(گ) ماددىسىنى مەسلىھەت بەرىش خاراكتىرىگە ئىگە، ئەمما مەجبۇرى باغلايدىغان كۇچى يوق دەپ قارايدۇ. قانۇننىڭ 6(گ) ماددىسىغا مۇۋاپىق ماسلاشقان ھالەتتە، مېنىڭ ھاكىمىيىتىم، بۇ قانۇن بويىچە بىرەر كىشىگە جازالاش ئەلىپ بەرىشنى توختۇتۇشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك مەجلىس كومىتىتىغا ئۇختۇرۇش قىلىدۇ. ئەمما، بۇ پىرىزدەنتىڭ دىپلوماتىيە ھەركىتىگە تەسىر قىلىدىگان ئاھۋالدا، مېنىڭ ھاكىمىيىتىم بۇ قانۇندىكى ئالدىن ئالا ئۇختۇرۇش قىلىپ قويۇشتەك بىر بەلگىلمىنىڭ مەجبۇرى باغلاش كۇچى با دەپ قارىمايدۇ.
دونالد ج. ترۇمپ
ئاق ساراي
2020-يىلى 17-ئىيۇن
